باش بەت 1-ئېلان
رايون : ھەممىسى قەشقەر شەھەر كونا شەھەر يېڭىشەھەر يېڭىسار پوسكام يەكەن قاغىلىق يوپۇرغا پەيزاۋات مارالبېشى مەكىت تاشقورغان باشقىلار
تۈرلەر : ھەممىسى
بارلىق ئۇچۇرلار شەخسىي ئۇچۇرلار ۋاستىچى ئۇچۇرلار {ھەقسىز ئۇچۇر يوللاڭ}

شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تالانت ماركىسدىكى توكسىكلىتلارغا ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ!

شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 1-ئايدا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان ئۇچۇر يېڭىلىنىشى ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بازار ۋە دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ رايونىمىزدا يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بولغان بۇ شىركەتنىڭ يېڭىچە تەرەققىيات يۆنىلىشى كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىركەت دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىلغان، يېشىل ئېنىرگىيەلىك مۇھىت ئاسرايدىغان،ھەر خىل تىپتىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق TALANT ماركىسىدىكى توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىىرىش ۋە سېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىيارىمىزدىكى يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىردىبىر باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى.
شىركەت قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جىياڭسۇ ۋۇشى شەھىرىدە شىباۋ توكسكلىت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، شېڭلى لېتى باتارىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەت-زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپا پاسونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكسىكلىت ۋە يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان لېتى باتارىيەلەرنى بازارغا سېلىپ كەڭ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەرخىل يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ ئۈزلۈكسىز بازار ئاچتى. بۇ يىل يەنە شاڭخەي كېسۇ ئەقلىي ئىقتىدار پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى بولغان TALANT SOCO ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكسىكلىتىنى بازارغا سالدى. ھازىرغا قەدەر پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە 15 دىن ئارتۇق تالانت مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە ۋاكالەتچىلىرى بار بولۇپ، شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى ماركا بازار قىممىتى 10مىليۇن يۈەندىن ئاشتى. شىركەت ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن دۇكان ئىجارە تولۇقلىمىسى، دۇكان بېزەش تولۇقلىمىسى، ئېلان-تەشۋىقات تولۇقلىمىسى، مەھسۇلات سېتىش تولۇقلىمىسى ۋە يىللىق مۇكاپات قاتارلىق تولۇقلىمىلار بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكالەتچىلەرنى ھەرجەھەتتىن ھەقسىز يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش، سېتىش ۋە بازار ئېچىشقا ياردەم قىلىش ۋە سېتىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ بېرىشتەك ياخشى تۈزۈمنى يولغا قويدى. شىركەت بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بىلەن بىرگە، بىرتەرەپتىن دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش چوڭ ئىشىغا تۆھپە قوشسا يەنە بىر تەرەپتىن بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمىئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسمىنى يەڭگىللەتتى.
جۈمەبەگ مەدەنيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، يېتىشكەن فوتۇگىراف جۈمەخۇن ئاقبەگ تالانت شىركىتىنىڭ ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن تالانت شىركىتىگە 1مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىركەتنىڭ پايچېكىنى سېتۋالدى ۋە تالانت شىركىتىنىڭ بارىلىق ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق ئورناتتى .
شىركەت نۆۋەتتە يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىزدا تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى دۇنياۋى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقىمىزنى تېخىمۇ زامانىۋى، قولايلىق، يېشىل ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.
شىركەتنىڭ كەلگۈسى نىشانى بولسا يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، خەلقئارالىق يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىيارىمىزغا ھەقىقىي يۇسۇندىكى يېشىل ئېنېرگىيەلىك، مۇھىتقا زىيانسىز بولغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزۈپ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ پاكىز، بۇلغانمىغان، ساپ يېشىل مۇھىت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
كۆكلە تالانت، ئىسمى-جىسمىڭغا لايىق تالانتىڭنى جارى قىلدۇر!
شىنجاڭ تالانت ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن جۈمەبەگ مەدەنيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق ئورناتتى ، جۈمەبەگ مەدەنيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، يېتىشكەن فوتۇگىراف ، تىۋىشسز دۇنيا روماننىڭ باش پىرسۇناژى جۈمە ياقۇپ ئاقبەگ ، تالانت شىركىتىنىڭ ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن تالانت شىركىتىگە 1مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىركەتنىڭ پايچېكىنى سېتۋالدى ۋە تالانت شىركىتىنىڭ بارىلىق ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق ئورناتتى. تالانىت توكسىكلىتلرنى ۋە كىينكى يىشىل ئىنىرگىيە مەھسۇلاتلارنى بازار تاپقۇزۇش ھەم بايلىق يارتىپ چىقىش يولنى مۇستەھىكەملەشنى ئويلىغان دوسلارنى ھەمكارلاشقۇچىلىققا چاقىرىمىز!

2018-07-17 سۇلايمان تالانت
2600638